خىتاي ياپونىيەنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ياپونىيەنىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزغا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە چات كېرىۋالسا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەنبە ئۆزلىرىگە ياپونىيەنىڭ «ئىزۇمو» ناملىق تىك ئۇچار توشۇغۇچى ئۇرۇش پاراخوتى سىنگاپور، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋە سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە توختاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى مالابار ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەرنى رەسمىيلەشتۈرۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ياپونىيە ئەگەر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولسا، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئالاقىدار ئەمەسلىكىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇلار ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ پىلانى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ-قىلمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتىدىغانلىقى راست بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى رايوندا تۇنجى قېتىم ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.