ياپونىيە تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكىدىن نارازى بولدى

29-دېكابىر كۈنى كەچ سائەت 2 لەردە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئورگىنىغا تەۋە چارلاش پاراخوتلىرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان سېنكاكو ئاراللىرى يېنىغا يېقىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ئۈچ دانە خىتاي پاراخوتىنى سەزگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە تەرەپ مەزكۇر ئۈچ دانە خىتاي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر نارازىلىق ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرۈلگەن ھەمدە مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ دەرھال بۇ جايلاردىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان. ياپونىيە تەرەپنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ئاستىدا بۇ پاراخوتلار كەلگەن يېرىدىن كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 26-دېكابىر كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى. خىتاي ئابىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.