خىتاي دائىرىلىرى: «خىتاي، ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.12

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەتلەر، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى يېڭى ھاياتىي كۈچ» تېمىسىدىكى 8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى 26-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە قۇيۇلىدىغان مەھسۇلاتلار ئېنېرگىيە، رەقەملىك تېخنىكا، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى، ئاشلىق ۋە نېفىت، ئورگانىك مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك يەنە، چارۋىچىلىق، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ دائىرىسى كەڭ، قاتنىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىنىڭ ئۆز مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، شەھەردىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق شىركەت ھەم ئورگان يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى سودا، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بازىسى، شۇنداقلا مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتكەن. شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا، جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان غايەت زور «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى خىتاي-ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى سودا ۋە ئىقتىسادىي تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مال سېتىش، بۇ رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر پائالىيەت دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.