تېد كرۇز: «خىتاي قاماقخانىلىرىدا ھېلىھەم كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىنى چېكىۋاتقانلار بار»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق پرېزىدېنت نامزاتى تېد كرۇز يېقىندا قاتناشقان «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش يىغى» نىدا ئۆتكەن ئەسىردە ئىنسانىيەتكە غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن كوممۇنىزمنىڭ ھېلىھەم زىيانكەشلىكىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە 3 كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر يىغىندا تېد كرۇز كومۇنىزمنىڭ ھازىرغا قەدەر 100 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر 5 كىشىدىن بىرىنىڭ كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتايچە «بۈيۈك ئېرا» گېزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تېد كرۇز سۆزىدە ئۆتمۈشتىكى كوممۇنىزم پاجىئەلىرى قاتارىدا لېنىننىنڭ قىزىل تېرورىنى، ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنى ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى ئەسلەپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتە كوممۇنىزم پاجىئەسى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا شىمالىي كورېيەنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى، كۇبانىڭ تۈرمىلىرى ۋە خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا 7‏-نويابىر كۈنىنى «مەملىكەتلىك كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.