خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى
2017.01.31
ئامېرىكا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ 30-يانۋاردىكى تور خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تونۇلغان 29 نەپەر ئادۋوكات خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، 2015-يىلى 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئوچۇق خەتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئامېرىكا ئادۋوكاتلار فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى تېرېنسې خاللى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 23-يانۋار ئەنگلىيەنىڭ گۋاردىيان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئامېرىكا ئادۋوكاتلار فوندىنىڭ رەئىسى داۋىد كوللىنس، ب د ت مەھبۇسلارنى قىيناپ سوراق قىلىشنى چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى مانفېرد نوۋاك، فىرانسىيەنىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى روبېرت بادىنتېر قاتارلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تونۇلغان 29 نەپەر ئادۋوكات ئىمزا قويغان.
مەزكۇر خەتكە قول قويغان ئادۋوكاتلاردىن ئامېرىكا ئادۋوكاتلار فوندىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئاجاي مېھروترا ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خەتتە 2015-يىلى 9-ئىيۇل يۈز بەرگەن 300 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن جاڭ تيەنيۇڭ، شې ياڭ، لى خېپىڭ، ۋاڭ چۈەنجاڭ قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىمۇ قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.