خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.02.16

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق تەشكىلات 16-فېۋرال كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتقا «ئۇلار مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىمگە جىنايەت قاتارىدا زەربە بېرىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

44 بەتتىن تەشكىل تاپقان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى ئىچىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، مۇستەقىل ژۇرنالىستلار قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رىنا شيا دوكلاتتا قىلان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتايدا ئاللىقاچان ئىنتايىن چەكلىك بولغان پۇقرالار ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئېغىر قامال ئاستىغا ئالدى» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىل ئىچىدە ماقۇللىغان قانۇن-تەدبىرلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار ھوقۇقى، ئىشچىلار ھوقۇقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بېرىشىگە قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەۋەر قىلىدىغان مۇستەقىل ژۇرنالىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى تىلغا ئېلىنغاندا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈن تەرتىپكە ئەپ كېلىدىغان ئۇيغۇر بىز تور بېتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن «ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى» ئارقىلىق ئېغىر ھالدا جازالانغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىدا، ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەت تۈرلىرىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارتىش بولغان بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىمۇ دىققەت قوزغايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

بۇ دوكلات ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيەنىڭ گاردىيان گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.