ب د ت ئەمەلدارى خىتايدىن ئادۋوكات جاڭ تيەنيۇڭنىڭ دېرىكىنى قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارى 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇيان «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن» كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ تيەنيۇڭ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالاھىدە ئاخبارات خادىمى فىلىپ ئەپەندى، سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادۋوكات جاڭ تيەنيۇڭنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان. فىلىپ ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 8-ئاي مەزگىلىدە خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە ئادۋوكات جاڭ تيەنيۇڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەۋەبتىن جاڭ تيەنيۇڭدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خادىمى فىلىپ ئەپەندى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 23-كۈنىگە قەدەر خىتايدا 9 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ مەزگىلدە جاڭ تيەنيۇڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەينى چاغدا فىلىپ خىتاي زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر ۋە خىتايدا ئەركىن پىكىر قىلىشنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.