خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى: «كېچە تۈگەپ ھامان تاڭ ئاتىدۇ»
2015.12.31
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى 2015-يىل 31- دېكابىر« كېچە تۈگەپ تاڭ ئاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىشخانىسى 31-دېكابىر ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە،«كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئۈچۈن 2015 يىل ئەڭ مۇشەققەتلىك يىل بولدى، يېنىمىزدىكى دوستلىرىمىز تۈرمىلەرگە قامالدى، قورقۇنچ ۋە قاباھەت ئەتراپىمىزدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشى چېكىگە يەتتى، ئەمما پۇرسەت يەنىلا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى بېسىم ۋە قورقۇتۇش ئالدىدىمۇ ئىرادىسىدىن قايتمىدى، ئۇلار يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كېتىۋاتىدۇ. دەۋرنىڭ چوڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدىكى بۇ كېچىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ تۇرغۇچىلاردىن بولمايدۇ. بەلكى ئېتىش ئالدىدىكى گۈزەل تاڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئەركىنلىك يولىدىكى مۇشەققەت ۋە جاپانى قۇچاقلىغىنىچە، يېپيېڭى كېلەچەكنى ئىزدەيدۇ!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
31- دېكابىر كۈنى يەنە بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن لىيۇ شاۋيۈەن ئەپەندىمۇ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى يېزىپ، « 2015-يىل بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇق، بىردىن-بىر ئارزۇيىمىز تۇتقۇن قىلىنغان كەسىپداشلىرىمىزنىڭ يېڭى بىر يىلدا تىنچ-ئامان قايتىپ كېلىشىنى تىلەش!» دېگەن.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۆنىگىچە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئىككى كۈن ئىچىدىلا 240 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تۇتقۇن قىلىنىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادۋوكات سوراق قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
كېيىن بىر قىسىم ئادۋوكاتلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئادۋوكاتلار نىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.