شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىش خېتى ئېلان قىلىنغان خىتاي تورىنىڭ 2 مەسئۇلى داۋاملىق تۇرۇپ تۇرۇلماقتىكەن
2016.06.24
ئۈرۈمچىدىكى «ۋۇجيې» ناملىق خىتاي تور بېتىنىڭ تاقالغانلىقى، ئۇنىڭ 2 مەسئۇلىنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. مەزكۇر تور بېكىتى بۇ يىل 3 -ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىش خېتى ئېلان قىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىشىچە، «ۋۇجيې» تورىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى ئاۋياڭ خۇڭلياڭ بىلەن ئالىي مۇھەررىرى چېڭ شېڭجۇڭنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا 101 كۈن بولغان.
ئاۋياڭ خۇڭلياڭنىڭ ئايالى جۈمە كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئاۋياڭ خۇڭلياڭ «ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىۋاتقاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغىلى 101 كۈن بولدى» دېگەن.
«سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» نىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ خەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنىشى ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان ئىدى.
ئاۋياڭ خۇڭلياڭنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور بېكىتى بۇ يىل 3-ئايدا مەجبۇرىي تاقىلىپ، ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىشسىز قالغان. دائىرىلەر ئۇلارنىڭ داۋالاش ۋە باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى كېسىپ تاشلىغان.
بۇرۇن مەزكۇر توردا ئىشلىگەن بىر خادىم فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ تورنىڭ خۇاڭ جىجيې ئىسىملىك يەنە بىر مەسئۇلى بۇ يىل 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنرەك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شى جىنپىڭ ئىستېپاغا چاقىرىلغان ئۇ خەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى باشقۇرالمىغانلىقى، ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.