ئامېرىكا خىتاينى بۇ يىلمۇ «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.05

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 4-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» نى ئېلان قىلغان.

بلىنكېننىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1998-يىلى «يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» ماقۇللاپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 25 يىلدىن بېرى، خىتاينىڭ ‍ئىزچىل تۈردە يەنە بىر قېتىم بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشىدۇر.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىلىك دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى؛ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادىتى، ، ئىللىي ئەنئەنىلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ 4-يانۋار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا خىتايدىن سىرت بۇ يىل يەنە بېرما، كۇبا، شىمالىي كورېيە، ئېرىتىرىيە، ئىران، نىكاراگۇئا، رۇسىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارنىمۇ «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن. بلىنكېننىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئۆزىنى تىنچ ئىپادىلىگۈچىلەرگە ‍ئوبچە زوراۋانلىق قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىش، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، دىنىي جامائەتلەرنى زورانۋانلىققا چاقىرىش، شۇنداقلا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان باشقا زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.»

ھالبۇكى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 5-يانۋار ئېلەن قىلغان دوكلاتىدا، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى» خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ‍ئۆزئارا ماسلاشقان كونكىرېت بىر سىياسەتكە ئايلىنالمىدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.