خىتاي دىنىي ئەركىنلىكتە «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1998-يىلى ئېلان قىلىنغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» غا ئاساسەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دەك دۆلەتنى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 12-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 10 دۆلەتنىڭ سىستېمىلىق، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىنتايىن قەبىھ بولغان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەكنىڭ خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزىمۇ نەقىل ئېلىنغان. ئۇ بايان قىلىپ، «مېنىڭ ھازىر خىتايدىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، ئۇلارنىڭ دىنىي توپلارغا زىيانكەشلىك قىلمىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. دوكلاتلاردا دېيىلگەن 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە بولغان تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان خەلق. خىتاي دىنىي زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان بىر نۇقتا،» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن 19 يىلدىن بېرى خىتاينى ئىزچىل دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان» دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ كەلگەن. ھالبۇكى، 2017-يىلى بېيجىڭ دائىرىلىرى دىنىي ئەركىنلىك كونتروللۇقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر بۇ خىل دىنىي پائالىيەتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارالسا، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى چوقۇم كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ئىدى.