بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالى كۈچەيمەكتە

بېيجىڭ ساقچىلىرى 2011-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 30 مىڭ كىشىنى ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئالغان.

بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە «ئىنتېرنېت جىنايەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ، ساپ مۇھىت يارىتىش» دەيدىغان ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىنتېرنېتتا جەمئىي 17 مىليون «قانۇنسىز مەزمۇن» نى ئۆچۈرگەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان 50 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، شىنخۇا خەۋىرىدە، بۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتى ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختالمىغان.

ئۇلار، بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئىنتېرنېت جىنايەتچىلىرىنى، ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارنى ۋە شۇنداقلا زوراۋان-تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى نەرسىلەر ۋە شۇنىڭغا چېتىلىدىغان كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىنتېرنېتتا قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان ئىدى.

شىنخۇانىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 6-ئايغىچە ئىنتېرنېتتىكى تېررورلۇققا ئائىت 3300 مەزمۇننى، 728 ئۈن-سىن ماتېرىيالىنى ئۆچۈرۈپ، 11 مىڭ ئىنتېرنېت باشقۇرغۇچىسىنى جازالىغان.