خىتايدا ئىشسىزلار يەنە كۆپىيىپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسى داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان جىددىي مەسىلە بولماقتا. خىتاينىڭ 18-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىشسىزلىق 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇدا ئۈچ ئاي داۋاملىق ئۆرلىگەن. خىتايدا ئىشسىزلىقنىڭ قايتا ئۆرلىشى، خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى ئازراق ئارتىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق قوزغاتقۇچىسى بولغان ئۆي-مۈلۈك بازىرى داۋاملىق كاساتلىشىپ، يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى 29 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەمگەك بازىرىدا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ۋە بۇ يىل 1-ئايدا ئىشسىزلىقنىڭ قايتا ئارتىشى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن ئەمگەك بازىرىدىكى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتىنى بىراقلا ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويغان.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدا، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 5.3 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئارتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەش سائىتىمۇ ئازايغان. خەۋەرلەردە، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئىشسىزلىققا ياكى كىشىلەرنىڭ نورمال ئىشلەش ۋاقتىدىن ئاز ئىشلەۋاتقانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتايدا ئىشسىزلىقنىڭ قايتا ئارتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئالغان، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمگەك كۈچلىرىنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىغا 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەندىشە بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا خىتاي ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 21 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنىدى.