خىتايدا ئىككى كۈندە ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر كان ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتايدا ئىككى كۈندە ئارقا-ئارقىدىن كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى بىر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندە كاندا 19 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 8 نەپەر ئامان قالغۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس.

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە تېخى بىر كۈن ئاۋۋاللا كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 26 ئادەم قازا قىلغان ئىدى. ئومۇمىي يارىدارلارنىڭ سانى 50 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ يارىلانغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ھاياتى تېخىچە خەۋپ ئاستىدا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەجەللىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى داۋام قىلماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا 2013- يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا 604 قېتىم كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 1000 دىن ئوشۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى 6000 نەپەردىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.