ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي قولغا ئالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
2018.01.23
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 18-يانۋار كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى مەخسۇس قارار ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قولغا ئالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
قارارنامىدە بۇ شەخسلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەمدە باشقا ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى مەسىلىسىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىنسانلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى يالغۇز خەلقئارا قانۇنلارغىلا خىلاپ بولۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
قارارنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى قانۇن ۋە نىزاملارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى پىكىردىكىلەر بۇ قانۇنلاردىكى ئالاقىدار ماددىلارغا باغلىنىپ كۆپلەپ جازالانغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بۇ قانۇنلار سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك بىراقلا ئېغىرلاپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى مەزكۇر قارارنامىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى بىر مەيدان مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە بولۇپ ئۆتكەن. مۇزاكىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىنى مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش مۇھىم نۇقتىلاردىن بولغان.
مۇزاكىرە ئىشتىراكچىلىرى، جۈملىدىن ياۋروپا پارلامېنتىنى مۇئاۋىن رەئىسى فابيو كاستالدو سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىنى پايخان قىلىشنى توختىتىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىلخان كۈچۈك مۇزاكىرە جەريانىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى مەخسۇس تونۇشتۇرغان.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ قارارنامىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.