ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك چولپان» (Daily Star) گېزىتىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد ۋىرۇسى قايتا يامراۋاتقان بولۇپ، JN.1 تىپلىق يېڭى ۋىرۇس ئىنسانلارنى ساراسىمىگە سالماقتا ئىكەن، خىتايدا بولسا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى 24 سائەت ئىشلەشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن خىتايدىكى كوۋىد يۇقۇمىدىن ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا JN.1 تىپلىق يېڭى ۋىرۇس پۈتۈن دۇنيادا يامراشقا باشلىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق ۋىرۇس بولۇپ قالغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس كونا ۋىرۇسنىڭ ئۆزلۈكىدىن شەكىل ئۆزگەرتكەن تۈرى ئىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە JN.1 تىپلىق ۋىرۇسنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە بايقالغانلىقى ھەم دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىندى. بۇ ۋىرۇس تېز سۈرئەتتە يامرىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇنى بۇرۇنقى كوۋىدنىڭ يېڭى ۋارىيانتى، يەنى ئانا كوۋىدنىڭ يېڭى تۇغۇندىسى دەپ ئىزاھلىدى».
بۇ خەۋەردە يەنە، خىتايدىكى ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خېنەندىكى بىر خىتاينىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. جو فامىلىلىك بۇ خىتاي مۇنداق دېگەن: «دەپنە ئىدارىسىدە 8 جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بار، ھەر كۈنى 24 سائەت جەسەت كۆيدۈرىدۇ، بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق! دەپنە ئىدارىسىدىكى جەسەت قويۇش ئورنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ئۆتكەن 3 يىلدا شەخسلەر ئاچقان دەپنە قىلىش شىركەتلىرى ئىش باشلىدى، ئىش-ئوقىتى بەك راۋاج تاپتى. چۈنكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېز كۆپەيدى. ھازىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ھەر كۈنى جەسەت كۆيدۈرىدۇ، كۆيدۈرۈشنى ساقلاپ تۇرغان جەسەتلەر توڭلىتىش ئۆيىگە قويۇلىدۇ، جەسەت كۆيدۈرۈش نۆۋىتىنى ساقلاش ۋاقتىمۇ خېلى ئۇزۇن».
خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھازىر 118 مىڭ 977 ئادەم يېڭى كوۋىد ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، 7557 ئادەمنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن، ھالبۇكى خىتاي تەرەپ قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگىنىدىن تېخىچە مەلۇمات بەرمىگەن. ھىندىستاندىمۇ ئەھۋال ئېغىر ئىكەن، ئەمما ھىندىستاندىكى ئالاقىدار مەسئۇللار ھازىرچە چوڭ مەسىلە يوق دەپ ۋەزىيەتنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
نۆۋەتتە بۇ JN.1 تىپلىق ۋىرۇسنىڭ ئىلگىرى كوۋىد يامرىغان بارلىق دۆلەتلەردە قايتا يامراش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن.