رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدە خىتايدا 2016- يىلى ئىچىدە مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن 720 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى، پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 22 مىليون سومغا يېقىن جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 97 مىليارد سومغا يارايدىغان 11 ئىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىپ قالدۇرۇپ قويغانلىقى، 10 مىڭدىن ئوشۇق ئاپتوموبىلنىڭ ھەددىدىن زىيادە گاز قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خىتايدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا دۇنياغا مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق، ئېلىنغان تەدبىرلەر خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەس، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكىدىكى «يەر شارىۋى تەھدىتلەرنى بايقاش» تەتقىقات ئورگىنى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە نەتىجىدە كەپ چىققان چۆللىشىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيىسى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى يولغا قويغان خاتا سىياسەتلىرى ۋە چىرىكلىك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.