ئامېرىكىدىكى «سالامەتلىك ۋە تەسىر ئىنستىتۇتى» ناملىق بىر سەھىيە ئورگىنى ئېلان قىلغان ستاتىستىكا رەقەملىرىدىن قارىغاندا، دۇنيادا 2015-يىلى ئىچىدە مۇھىت بۇلغىنىشى 4 مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ بالدۇرلا ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2.2 مىليونى خىتاي ۋە ھىندىستاندا ئىكەن.
رويتېرس مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبلىك 1.1 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىك ھەققىدىكى بۇ رەقەملەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىماقچى بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بىراق خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل يانۋاردا بەرگەن بىر باياناتىدا، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە باھا بېرىش ئۈچۈن تېخى بەك بالدۇر» دېگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدىكى بۇ سەھىيە ئورگىنى 195 دۆلەت ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ۋە يېڭى بايقاشلار نەتىجىسىدە يۇقىرىدىكى رەقەمنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2013-يىلى ئېلان قىلغان رەقەمدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. ئەينى چاغدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليون كىشىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.