شاڭخەيگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بارغان چەت ئەل مۇخبىرلىرى تەقىپ-نازارەتكە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.03

ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە نازارەتچىلىك كەسپى تەتقىقات گۇرۇپپىسى (IPVM) 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بارغان چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى تەقىپ-نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

25 مىليون نوپۇسى بار شاڭخەي شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسى «ھەر ساھەدىكى يات، غەيرىي ئادەملەرنى سۈزۈپ چىقىدىغان 26 خىل مودېل (قېلىپ، ئەندىزە)» نى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «ئالاھىدە خادىملارنى كۆرسىتىپ بېرىش مودېلى» ئىكەن؛ ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان ئايروپىلان ياكى پويىزنىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلغان چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا ئاپتوماتىك بەلگە ئۇرۇپ قويىدىكەن.

خىتايدىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىنىڭ 2021-يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىل ئۇيغۇر رايونىغا بارغان مۇخبىرلارنىڭ 88 پىرسەنتى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ تەقىپ-نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

26 خىل مودېلنىڭ يەنە بىرى «شاڭخەيگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بايقاش» بولۇپ، بۇ شەھەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاپتوماتىك تېپىۋالىدىكەن. ئىچكىرى خىتايغا كەلگەن ئۇيغۇرلار نەگىلا بارسا تەقىپ-نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىكەن ۋە دائىم ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كېلىدىكەن.

بۇ ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەلى بابا شىركىتى ساقچىلارغا «ئۇيغۇرلارنى تونۇپ بېرىش تور بوشلۇقى مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ئەقىل دېتاللىرىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەلۇم مىللەتكە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.