خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشقا قاتناشقان پۇقرالارغا ھەيۋە قىلىشقا ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئون نەچچە چوڭ شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قوزغالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئەمما تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ۋىدىيودا، 30-نويابىر كۈنى نەچچە ئونلىغان تانكانىڭ بېيجىڭ كوچىلىرىدا شەھەر ئاھالىسىگە كۈچ-ھەيۋە كۆرسىتىپ يۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-نويابىر كۈنى كېچىدە گۇڭجۇ شەھىرىدە خىتاينىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ قامال سىياسىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

يۇتۇب قانىلىغا چىققان بىر ۋىدىيودا، گۇڭجۇدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساقچىلار ۋە «ئاق خالاتلىقلار» بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر ۋىدىيودا، 29-نويابىر كۈنى شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىمۇ نامايىش بولغانلىقى كۆرسىتىلىگەن بولۇپ، ئاھالىلەر قامال-توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ئېلىشقان ۋە «قامالنى بوشات، قامالنى بوشات!» دەپ شوئار توۋلىغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشتىن كېيىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى، شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ كوچىدا تېلېفون تەكشۈرۈپ، نامايىشقا چىققانلارنى تېپىۋالسا، كوچىدىن ياكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.