گۇاڭدۇڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇنىڭ نامايىشىنى «ھۆكۈمەتنى قورشىۋېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-دېكابىر كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ پۇنىڭ شەھىرىدە 30 مىڭ كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 25-دېكابىر كۈنى گۇاڭدۇڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «ھۆكۈمەتنى قورشىۋېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

پۇنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 25-دېكابىر كۈنى تارقاتقان ئومۇمى ئۇقتۇرۇشىدا «24-دېكابىر كۈنى 100 دىن ئارتۇق كىشى پۇنىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە مەكتەپلەرنى قورشىۋېلىپ، پۇقرالارنى ئەرز قىلىشقا، ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغاندىن كېيىن، پۇنىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەقەنى تىنچىتتى» دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، 10 كۈندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پۇنىڭ شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ شەھەردە قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەتتىن توك ھاسىل قىلىش زاۋۇتىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، 24-دېكابىر كۈنى نامايىشچىلار سانى ئۇلغىيىپ، 30 مىڭدىن ئېشىپ نامايىشچىلار بىلەن ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىدا 100 نەچچە ئادەم يارىلىنىپ 10 نەچچە ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ۋە ئوق ئاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت