خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.09.07

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 7-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتىن كېلىپ چىققان شىددەتلىك ئوت ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى كەچقۇرۇن سائەت 18:30 دا ئاندىن كونترول قىلىنغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشقان خىمىيە زاۋۇتلىرى، ئاسان ئوت ئالىدىغان خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تيەنجىندىكى زور پارتلاشتىن كېيىن، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم خىمىيە زاۋۇتلىرىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىڭيۇەن خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر مەزكۇر پارتلاشتا جەمئىي 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.