گۇاڭشىدىكى پارتلاش ۋەقەسى گۇماندارىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم

2-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭشىنىڭ ليۇچېڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدىكى گۇماندار پارتلاشتا ئۆلگەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇ جۇ شەھەرلىك ساقچى گۇماندار ۋېي يىنيوڭنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 30-سېنتەبىر ۋە 1-ئۆكتەبىر كۈنلىرى گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونى لىيۇ چىڭ ناھىيىسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 18 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى گۇاڭشى ساقچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، پارتلاشتا 11 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 51 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

تۈنۈگۈن «جەنۇبىي ئاستانا گېزىتى» دىكى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، جۇاڭ مىللىتىدىن بولغان 33 ياشلار چامىسىدىكى بۇ گۇماندارنىڭ ئەسلى لىيۇ چىڭ ناھىيىسىدىكى بىر تاش كانىنىڭ پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ساقلاش خادىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خەۋەرگە قارىغاندا، گۇماندار ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئىنكاس يوللاپ، كان دائىرىلىرىدىن نارازى بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.