شاڭخەي شەھىرى قەشقەردە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مائارىپ گۇرۇھى» نى قۇرۇپ چىققان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» دەيدىغان سىياسەت بويىچە قەشقەرنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان شاڭخەي شەھىرى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مائارىپ گۇرۇھى» نى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 16-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە شاڭخەي شەھىرىنىڭ قەشقەردە «مائارىپ گۇرۇھى» قۇرۇشى- «قەشقەردىكى مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەربىر پەرزەنتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ۋە شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاۋانگارت مايسىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئارقىلىق يېڭىچە ۋەزىيەتتىكى يېڭىچە تەلەپنى قاندۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كاپالەتنى بەرپا قىلىدۇ،» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەردە شاڭخەي بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقى گۇرۇھى قۇرۇشىنى ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا قامالغانلىقتىن يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

قەشقەر خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 17-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە قەشقەردە 9-تۈركۈمدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە ئەۋەتكەن پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە 2019-يىلى يېڭىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان بۇ يىغىندا بارلىق پارتىيە ئەزالىرى «شى جىنپىڭنىڭ ‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر «مەڭگۈ كەتمەيدىغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش» نى نىشان قىلىپ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.