خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنى خىتاينى نان بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەن
2021.12.21
2017-يىلى چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر ناۋايلىرىنى «نان ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» دېگەن نامدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چوڭ تىپلىق ناۋايچىلىق كارخانىلىرىغا يىغىۋالغان خىتاي دائىرلىرى، ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنى خىتاي بازىرىنى نان بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەرنىڭ ئۆزىدىلا ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىككى «نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»، ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك 14 «نان ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» قۇرۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا رايوندىكى بۇرۇن ئەركىن ناۋايچىلىق قىلىدىغان مۇستەقىل كاسىپلار «كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش» نامىدا يىغىۋېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ خىل «نان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى» دا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر مۇستەقىل ھۈنەر كەسپىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى «نان ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» نامىدىكى بۇ خىل نان بازىلىرىدا 50 مىڭ 100 ئادەم ئىشلەيدىكەن.
«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ 21-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ نان بازىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى، يېقىندا گۇاڭشى ليۇجوۋدىكى بىر قۇلۇلە تالقېنى شىركىتىنىڭ ئالايىتەن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر ئىقتىسادى ئېچىۋېتىش رايونىدىكى بىر «نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» بىلەن نان بىلەن قۇلۇلە تالقېنىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنى قانداق ئۇزارتىش توغرىسىدا ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەردىكى «نان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى» دا 13320 تونۇر بار بولۇپ، بۇ نان بازىلىرىنى 55 شىركەت كونترول قىلىدىكەن.