خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ تىبەت ۋەكىلى تىبەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.06

خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا بىر تىبەت ۋەكىل سۆز قىلىپ، تىبەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خىتاي ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق ناخشىچىسى گوۋا جياماۋجى سىياسىي كېڭەشنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە 2008‏-يىل يۈز بەرگەن «لخاسا ۋەقەسى» دىن كېيىن تىبەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوۋا جياماۋجى، دائىرىلەرنىڭ تىبەتلەرنى كەمسىتىشى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زەرەرلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مەن بۆلگۈنچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى پۈتۈن تىبەت مىللىتىنى نىشانغا ئالماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمەن» دېگەن. بۇ يىل 54 ياشلىق گوۋا جياماۋجى چىڭخەينىڭ تىبەتلەر رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىل تىبەت ھەربىي رايونىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى بار ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق مىللىتى تىبەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياتاق ئالالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىندىۋىدۇئال ھادىسە ئەمەسلىكى، پۈتۈن تىبەتلەرنىڭ بۇ مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش يۇقىرىقى ساھەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇ، كەمسىتىشنىڭ تېلېفون ئالاقىسىدىمۇ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تور ئالاقىسىنىڭ تېزلىك سۈرىتى4G، بىراق تىبەتنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ۋە شىنجاڭدا بۇ يەنىلا 2G دا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلگىرى تورنىڭ تېزلىك سۈرىتى 4G بولغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر 2014‏-يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ سۈرىتىنى 2G غا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشنىڭ چارىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئىكەن. ئۇ، «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن كادىرلار 2-3 يىلدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئۆسۈپ كېتىدۇ. بىراق يەرلىك كادىرلار مەڭگۈ شۇ يەردە قالىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.