تىبەت پائالىيەتچىنىڭ بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.22

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سوت مەھكىمىسى 22-ماي كۈنى تىبەت دۇكاندار تاشقى ۋاڭچۇكنى بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تاشقى «نيو -يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى تىبەت رايونىغا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە كەلگەندە تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىبەت تىل-يېزىقىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدە پىكىر قىلغان. بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە ماقالە ۋە قىسقا سىن فىلىمى تورلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2016- يىلى ئۇنى قولغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن تاشقى ئەينى ۋاقىتتا ھۆججەتلىك فىلىمدا سۆز قىلغان ھەمدە تىبەت خەلقىنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ «تىبەت مەدەنىيىتى مۇشۇ يوسۇندا ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ» دېگەن ئەندىشىدىن خالى بولالماي كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىكەن.

ئالاقىدار ھەق ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئۇنىڭ بايان قىلغانلىرى ئەمەلىيەتتە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «مائارىپتا ۋە خىزمەتتە خىتايچىنى ئاساس قىلىش» ئارقىلىق تىبەت تىل-يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يەكلەش يۈزلىنىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ئەكس ئېتىشى ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاشقى ۋاڭچۇك ئېيتقان ئەھۋال ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ ئەينەن يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەلكۈن كەبى يوپۇرۇلۇپ كېلىشى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يەكلىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ ماڭماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېچ يەرنى ئالا قويمىغان نازارەت مېخانىزمى ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.