خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى خىتاينىڭ «تېلېۋىزوردا جىنايىتىگە تۆۋە قىلدۇرۇش» پروگراممىسىنى تەنقىدلىدى
2016.02.29
خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى 29-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «تېلېۋىزوردا جىنايىتىگە تۆۋە قىلدۇرۇش» پروگراممىسىنى تەنقىدلىدى.
باياناتتا بۇ قىلمىشنىڭ خەلقئارا ئاخبارات نىزامى ۋە ب د ت دە ماقۇللانغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاينى ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتى دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇ خىل «تېلېۋىزوردا گۇناھىنى تونۇپ تۆۋە قىلدۇرۇش» پروگراممىلىرىنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدىكى، «25-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ۋېنجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكات جاڭ كەينى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ، ۋېنجۇدىكى 100 نەچچە چېركاۋنىڭ خرىستىئان بەلگىسىنى چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىكى ئاتالمىش جىنايەتلىرىگە پۇشايمان قىلغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما بەردى. بۇ قىلمىش خەلقئارا قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان خىتايدىكى خەۋەر-ئاخبارات قائىدىسى، مۇخبىرلار قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش. بىز خىتاينى بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز، شۇنىڭدەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، خىتايدىكى ئاخبارات-پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېگەن سۆزلەر نەقىل ئېلىنغان.
خىتايدا مەھبۇسلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى تېلېۋىزوردا ئۆز قىلمىشىغا تۆۋە قىلدۇرۇش يىللاردىن بۇيان داۋام قىلماقتا. مەسىلەن، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى، تايلاند، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئاتالمىش «گۇناھىغا تۆۋە قىلغانلىقى» ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى.