ياشانغانلارنىڭ بېقىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 30 يىلدا 4 قېتىم ئۆز مۇقامىنى ئۆزگەرتكەن
2016.11.07
جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي 30 يىلدىن ئارتۇق «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا نوپۇسى قېرىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىمۇ «بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم» نىڭ خىتاي نوپۇسىدا ياشانغانلار نىسبىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تۇغۇت چەكلەشكە بولغان سىياسىتىنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلارنىڭ بېقىلىش مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە ئاز دېگەندە 4 قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇقامىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ 1985-يىلىدىكى باش ماقالىسىدە «بىر پەرزەنتلىك بولغان ياخشى، ھۆكۈمەت ياشانغانلارنى باقىدۇ» دېيىلگەن بولسا، 1995-يىلىدىكى باش ماقالىسىدە «بىر پەرزەنتلىك بولغان ياخشى، ھۆكۈمەت ياشانغانلارغا ياردەم قىلىدۇ» دېيىلگەن.
ھالبۇكى، 2005-يىلىغا كەلگەندە «خەلق گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە دائىرىلەرنىڭ ياشانغانلار مەسىلىسىدىكى مۇقامى 90 گرادۇس ئۆزگىرىپ، «ياشانغاندا ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن. 2012-يىلىغا كەلگەندە «خەلق گېزىتى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ بېقىلىشى ھەققىدىكى مۇقامى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگىرىپ، «كېچىكىپ دەم ئېلىشقا چىققان ياخشى، ئۆزىگە تايىنىپ قېرىلىق مەزگىلىدىكى بېقىلىشنى ھەل قىلىش كېرەك» دېيىلگەن.
خىتايدىكى كۆپلىگەن دەم ئېلىشقا چىققانلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىقىدا كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن، قېرىلىقىدا بېقىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.