خىتاي پۇلدارلار ئاۋسترالىيەدىن كېلىدىغان زەيتۇن مېيىغا يېتىۋالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.02.19

خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلەردىكى ئىشەنچسىزلىك پۇلدار خىتايلارنى چەتئەل يېمەكلىرىگە يۈزلەندۈرمەكتە ئىكەن. «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا بۇ ھەقتە يېزىلغان بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي پۇلدارلار ئاۋسترالىيەدىن كېلىدىغان زەيتۇن مېيىغا يېتىۋالغان.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ئاۋسترالىيەدە زەيتۇن مېيى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەر بىلەن جىددىي رەۋىشتە توختام تۈزۈشكە باشلىغان.

خىتاي ئۆتكەن يىلىلا 184 مىليون دوللار قىممىتىدىكى زەيتۇن مېيى ئىمپورت قىلغان. بۇ 2012-يىلىدىكىدىن 10 پىرسەنتكە يېقىن ئۆسكەن.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە زەيتۇن سانائىتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى خىتاي سودىگەرلەر ئىگىلەپ بولغان.

خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئىلگىرى بىر قىسىم خەۋەرلەردە چاشقان گۆشىدىن ياسالغان ساختا قوي گۆش كاۋىپى، ئەۋرەز مېيىدىن ئايرىلغان ئاتالمىش «ئېسىل ماي» لار ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.