خىتايدىكى چېركاۋلارنىڭ كىرېست بەلگىلىرى چېقىلىشقا باشلىغان
2024.10.01
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ يېڭى پەللىسى خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ كىرېست بەلگىلىرىنى چېقىپ تاشلاشتا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«كاتولىك خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان 2024-يىللىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي مۇئەسسەسەلەرگە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تىرىشچانلىقى ھەمدە كومپارتىيە تەشۋىقاتىغا قارشى مەزمۇندىكى «دىنىي ئېتىقاد بەلگىلىرىنى يوقىتىش» ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي يەر ئالغان. بولۇپمۇ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا دىنىي ئېتىقادنى كومپارتىيە تەشۋىقاتىغا ماسلاشتۇرۇش زورلۇق كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى دەسلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە چېقىپ تاشلاشتا ئەكس ئەتكەن. ئەمدى نۆۋەت خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىغا كەلگەن بولۇپ، چېركاۋلارنىڭ ئۆگزە ۋە مۇنارلىرىدىكى كىرېست بەلگىلىرى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن. شۇنىڭدەك چېركاۋلاردىكى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ رەسىمى ئېلىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرىدىن ئاسىف مەھمۇد (Asif Mahmood) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى كاتولىك ئېتىقادىنى تەھدىت دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلار كومپارتىيەنىڭ نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېگەن.
دىنغا بولغان بۇ خىل قوپال ئارىلىشىش ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، شۇنىڭدەك مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.