خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلقئارا كانىيى ھېسابلانغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنېتىغا قاراشلىق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوەننىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان.
دىنىي ئىشلار بويىچە بېرىلگەن مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «پارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدىغان بىر قىزىل سىزىق. پارتىيە ئەزاسى بولىدىكەنسىز، چوقۇم قەتئىي بىر ئاتېئىست بولۇشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمىسا جازالىنىشقا تەييار بولۇشىڭىز كېرەك.»
باياناتتا يەنە «چەتئەل كۈچلىرى دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا سىڭىپ كىرىشكە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ،» دېيىلگەن.
ۋاڭ زوەننىڭ مەزكۇر باياناتى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا دۇچ كەلدى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» 20-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي كومپارتىيىسى گەرچە ئۆزىنى بىر ئاتېئىستىك پارتىيە دەپ ئېلان قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا "ھەر بىر پۇقرانىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار" دېيىلگەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 90 مىليون كومپارتىيە ئەزاسى بار بولۇپ بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، «نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ئېتىقادىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىدۇر،» دەپ قارىماقتا.