خىتايغا قارشى نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم
2018.01.11
بۈگۈن رويتېرز ئاگېنتلىقى نيۇ-يوركتىكى بىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى پىتېر مارىنونىڭ خىتاي ھەققىدىكى بىر مۇلاھىزىسىنى ئېلان قىلىندى. «خىتايغا بولغان قارشىلىقنىڭ كۈچىيىش سەۋەبلىرى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيادا خىتايغا بولغان قارشىلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى «بىتەرەپ تۇرۇۋېلىش» ياكى «بەك ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمەسلىك» تەك پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ جىمجىت ھالدا تەرەققىي قىلىپ، ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىشىغا ياردەم قىلغان. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە چوڭ - چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىشى ۋە كۈنسايىن زومىگەرلىشىشى جىددىي دىققەت قوزغىغان ۋە نەتىجىدە تېخى بىر قانچە يىل ئالدىدىلا خىتاي مەبلىغىنى ۋە خىتاينىڭ ئالاقىسىنى قارشى ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر ھازىر ئۆزگىرىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتىدا خىتاينى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا «رىقابەتچى» دۆلەت دەپ ئېلان قىلىشى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئىنكاسلىرى ۋە ھەتتا ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى پاكىستان بىلەنمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» رامكىسىدىكى بەزى تاشيول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى قاتارلىقلارنى مانا بۇ نارازىلىقلارنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ مۇلاھىزە قىلىپ، «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ بۇ نارازىلىقلىرىغا قانداق يوسۇندا جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن قانداق بىر دۆلەت بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى يېڭى رولىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، دېگەن.