ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قويىدىغان مىكرو ئۆزەك چەكلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن
2025.02.25
ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىكرو ئۆزەك (چىپ) كە ئېرىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بايدىن ھۆكۈمىتىدىنمۇ بەكرەك قاتتىق تەدبىر قوللانغان.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرى قوللانغان ھەمدە گوللاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېسىم قىلىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ساھەسىدە خىتايغا قويۇلغان چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ياپونىيە مىكرو ئۆزەك شىركەتلىرىنىڭ پاي باھاسى مەلۇم نىسبەتتە چۈشكەن، ئەمما ئامېرىكادىكى نىۋىدىيا (Nvidia) شىركىتىنىڭ پاي باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتايغا مىكرو ئۆزەك ساتقان نىۋىدىيا شىركىتىگە تېخىمۇ كەڭ چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن، ئىجازەتنامە تەلەپ قىلىنمايدىغان مىكرو ئۆزەك تۈرلىرىنىمۇ چەكلەشنى ئويلاشقان. چۈنكى نىۋىدىيا ئىلگىرى خىتايغا سېتىش چەكلىنىدىغان مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ ئورنىغا، ئىجازەتنامە كەتمەيدىغان باشقا تۈردىكى مىكرو ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بۇزغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ DeepSeek شىركىتىنىڭ سىنگاپوردىكى ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق نىۋىدىيا شىركىتىنىڭ ئىلغار مىكرو ئۆزەكلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىسپاتلانسا، نىۋىدىيانىڭ مەخسۇس خىتاي ئۈچۈن لايىھەلەپ ساتقان مىكروئۆزەكلىرىمۇ چەكلىنىدىكەن.
ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار يەنە خەلقئارا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى (SMIC) گە قويغان چەكلىمىنى كۈچەيتمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ شىركەت خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىدىغان خۇاۋېي گۇرۇھى ئۈچۈن مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىكەن.