مەبلەغ سالغۇچىلار ھەرقايسى شىركەتلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن ئاگاھلاندۇردى

غەرپ دۇنياسىدىكى ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغۇچى دىني ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار تۇشمۇ-تۇشتىن ھەرقايسى شىركەتلەرگە ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 50 نەچچە چوڭ مەبلەغ ساھىبى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىۋاستە سودا ئالاقىسىدا بولۇۋاتقان 40 نەچچە شىركەتكە، جۈملىدىن H&M، Hugo Boss، Zara قاتارلىقلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ئانىتا دورېت خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بۇ شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان ئىكەنمىز، بۇ مەبلەغنىڭ ساپلىقىغا كېپىللىك قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئىستىمالچىلار قوشۇنى غەرپ دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى ئىمبارگو قويۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارىلىۋاتقان بىر يۈرۈش داڭلىق ماركىلارنى بايقۇت قىلغان. ئەمما نۆۋەتتىكى تەمىنات زەنجىرىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى بۇ شىركەتلەرنى بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلىشقا بىۋاستە ئۈندىمەكتە ئىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىمتىيازى نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا قىستىماقتا ئىكەن.