بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەربىي سانائىتىگە چېتىشلىق نازۇك تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش مەمۇرى بۇيرۇقى ئېلان قىلىشى قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن. ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوس» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقساراي مەمۇرى بۇيرۇقنىڭ كونكرېت قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار مەمۇرى بۇيرۇقنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىل ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، مەزكۇر مەمۇرى بۇيرۇق بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بەزى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنى چەكلەش پوزىتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەمۇرى بۇيرۇقنىڭ ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنداقلا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشنىمۇ ئويلاشماقتىكەن.
ئەگەر بۇ مەمۇرى بۇيرۇق رەسمىي ئېلان قىلىنسا، بۇ ئامېرىكانىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئامېرىكانىڭ گېئو-سىياسى مەنپەئەتىگە بولغان خىرىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان خىتايغا چەكلىمە قويۇش جەھەتتىكى جىددىي تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. «ئوكسىئۇس» نىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بۇنىڭغا قايىل قىلىپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە كۆپ خىزمەت ئىشلىگەن. بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى، بۇ پىلان يېقىندا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا روشەن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ پات يېقىندا مەمۇرى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ نازۇك تېخنولوگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەيدىغانلىقىغا دائىرىلىرى خەۋەر، پرېزىدېنت بايدېن ياپونىيەدىكى 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇمشايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رېيموندو 25-ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن بىر ۋاقىتتا تارقىلىپ دىققەت قوزغىدى.