ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى BlackRock شىركىتىدىن خىتايغا مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىدىن ھېساب بېرىشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر(Mike Gallagher) ۋە مەزكۇر كومىتېت ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) قاتارلىقلار 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى- «قارا تاش» (BlackRock) نىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى لاررىي فىنك (Larry Fink) قا خەت يېزىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىغا چىقىرىلغان بۇ تەلەپنامىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولغان BlackRock نىڭ ئايلاندۇرۇۋاتقان مەبلىغى 9 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتايغا سالغان مەبلىغى 429 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن. BlackRock شىركىتى غايەت زور مىقداردىكى جامائەت فوندىنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا خەلقى مەبلەغ سالغان پېنسىيە فوندى ۋە شەخسىي ئامانەتلىرى تەشكىل قىلىدىكەن. BlackRock شىركىتى بۇ فوندلارنى ئۆزى خالىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىدىكەن.

تەلەپنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، BlackRock شىركىتى چىقارغان قارارنىڭ ئاقىۋىتى شۇ بولغانكى، ئامېرىكالىقلار ئۆزلىرى يىغقان پۇلنى بىلىپ-بىلمەي خىتاي شىركەتلىرىگە سېلىپ بەرگەن؛ بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي خەلق ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاينى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلاندۇرۇش. BlackRock ھازىر ئامېرىكانىڭ پۇل-بايلىقىنى خىتايغا ئېقىتىۋاتقان، خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە قىممەت قارىشىغا ئاستىرىتتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر شىركەت بولۇپ قالدى».

بۇ تەلەپنامىدە، BlackRock شىركىتى مەبلەغ سالغان، خىتاينىڭ ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىغا ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ياردەم قىلىۋاتقان 20 خىتاي شىركىتىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. بۇ شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن چەكلىمە قويۇلغان شىركەتلەر ئىكەن. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قۇرغان خۇشىن سىلىتسىي سانائىتى شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئىكەن.

BlackRock مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتىگە سۇنۇلغان تەلەپنامىدە، مەزكۇر شىركەتنىڭ يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى ھەمدە نېمە سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، قانچىلىك ھەمكارلاشقانلىقى، ئامېرىكالىقلار مەبلەغ سالغان جامائەت فوندىنى نەگە ئىشلەتكەنلىكى، قانچىلىك ئىشلەتكەنلىكى قاتارلىقلارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.