خىتايدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىزچىل تۆۋەنلەپ ماڭغان

كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر نۆۋەتتە خىتايدىكى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىشى ۋە پايدىنىڭ ئازىيىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزىنى تارتماقتىكەن.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى سودا ئۇيۇشمىسى ۋە شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ دوكلاتىدا بۇ ئەھۋال مۇھىم نوقتا بولغان ئىكەن.

ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېرىك جېڭ تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە «يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتايدا سودا قىلىش خەۋپى بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتتى، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خىتايدىكى بازارمۇ ئاستىلاپ كەتتى» دېگەن. ئۇلار ئېلىپ بارغان راي سىناشتىن قارىغاندا، ئامېرىكالىق شىركەتلەر ئىچىدە خىتاينى «ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىش مەنزىلى» دەپ قارايدىغانلار 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ دېيىشىچە، خىتاي بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇپ، 8-ئايدا، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئەڭ جىددىي ئىقتىسادىي خىرىسلىرىنىڭ بىرىنىڭ «ئالما شىركىتى» نىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە زاۋۇتلىرىنى ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

يۇقىرىقى سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى پايدا نىسبىتىنىڭ ئەمدى باشقا بازارلاردىن بەك كۆپ ئۆرلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكانىڭ «ۋولمارت» شىركىتى خىتايدىكى سەككىز يىللىق پېيىنى 3 مىليارد 600 مىليون دوللارغا سېتىۋەتكەن. IBM شىركىتىمۇ خىتايدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تاقىغان بولغاچقا، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئىشسىز قالغان ئىكەن.

ھازىر ئاپتوموبىل شىركەتلىرىمۇ خىتايدىن چېكىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى ئىستېمالچىلار ئىشلىتىدىغان ماشىنىلارنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمى خىتاينىڭ ماشىنىلىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل يازدىن باشلاپ سېتىلغان يېڭى ماشىنىلارنىڭ كۆپىنچىسى توكلۇق ماشىنا ياكى توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاش موتورلۇق ماشىنا بولۇپ، چەت ئەللىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئادەتتە پەقەت گاز بىلەن ماڭىدىغان ماشىنا بىلەنلا خىتايدا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. نەتىجىدە، ياپونىيەنىڭ خوندا موتور شىركىتى يېقىندا خىتايدىكى ئۈچ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان ھەمدە ئىختىيارىي پېنسىيە ئارقىلىق خادىم قىسقارتقان بولۇپ، 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خوندانىڭ خىتايدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 32 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 209 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ شاڭخەيدىكى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆپلىگەن شىركەتلەر ھازىر ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈشنى ئويلاشماقتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى خىتايغا زور مەبلەغ سالغان چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار دۇچ كەلگەن ھەر قانداق مەبلەغ ۋە بىيۇروكراتلىق توسۇقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىكەن. بۇ يىغىنغا دانىيە ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Lego بىلەن داڭلىق دورا شىركىتى Moderna نىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىكەن.