ئامېرىكا، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى تەھدىتىگە قارشى تېخىمۇ بىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.14

خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكىدە خوجايىنلىق تالىشىش ئۇرۇنۇشى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىشقا قەسەم قىلىشقان.

رۇيتېرس ئاگېنتلىقى 12-يانۋار بەرگەن بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دۈشەنبە كۈنى (ئاسىيا ۋاقتى 12-يانۋار) تور يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىساد، دېڭىز ئارمىيە كۈچلىرى ۋە تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشكەن. ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ خەتەرلىك ۋە قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار، 2024-يىل 4-ئايدا ۋاشىنگتوندا بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى مۇزاكىرە قىلىشقانىدى.

پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىزچىللىقنى ساقلىشىغا، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«كانادا تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى، جۈملىدىن بۇ دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنى تەسىر دائىرىسىگە ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان؛ خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى ئۇلارنى تەقىپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاستىدا 11 مىليارد تۇڭ نېفىت زاپىسى بايقالغان بولۇپ، خىتاي 10 يىلدىن بۇيان بۇ رايوننى كونترول قىلىش ئارقىلىق ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.