ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ خىتايغا سىگنال بەرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.04.12

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 11-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جىر بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەن. بۇ، ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئوچۇق سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

جوۋ بايدېن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ياپونىيە ۋە فىلىپپىنغا بەرگەن مۇداپىئە ۋەدىسى پولاتتەك مۇستەھكەم».

يېقىندا خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرى فىلىپپىننىڭ دەتالاشتىكى سپراتلى ئارىلىدىكى فىلىپپىن ئەسكەرلىرىگە ئىغۋاگەرلىك ھەرىكىتى قوزغىغاندىن كېيىن، رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن ئىدى. فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا ھەر ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن.

جوۋ بايدېن سۆزىدە، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 1951-يىلى تۈزۈلگەن مۇداپىئە شەرتنامىسىنى تەكىتلەپ، «فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئايروپىلان، پاراخوت ياكى قوراللىق قىسىملىرىغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇم بىزنىڭ ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىمىزنى قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن ۋە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس مۇنداق دېگەن: «دەۋرىمىزدىكى مۇرەككەپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، ئورتاق مەقسەتكە سادىق بولۇشى ۋە قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسىدىن تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.»

ياپونىيە باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدامۇ سۆزىدە، «قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقداشلار ۋە ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى» ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىدا شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان نۇتۇقىدىمۇ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن كېلىۋاتقان خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

بۇ رەھبەرلەر فىلىپپىندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن تارتىپ، ھەربىي مۇداپىئە ھەمكارلىقىغىچە بولغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.