ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.09.10

«چەت ئەل بىلەن رىقابەت ھالىتىدىكى باتارېيەگە تايىنىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» 9-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى.

«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ X ھېسابىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى مەزكۇر كومىتېت 2023-يىل 12-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلات بىلەن بىردەك بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تەڭشەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گارسىيا (Mike Garcia) X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «مەن تونۇشتۇرغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتنى چەت ئەل جاسۇسلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىشىدىن قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇنى باياتىن ماقۇللىدى. بىز خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، بىزگە قارشى تۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكادىكى خىزمەت پۇرسىتىنى ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى قوغداش، شۇنداقلا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەققىنىڭ كوممۇنىستىك خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر».

«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» 9-سېنتەبىر X ھېسابىدا ئېلان قىلغان يەنە بىر ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يەنە «بىيولوگىيەلىك خەۋپسىزلىك قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ گېنىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق ئۇچۇرلارنى قوغداشنى، بولۇپمۇ كوممۇنىستىك خىتاينىڭ بىئو-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھۇجۇم پىلانىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا شىركىتى GBI ئامېرىكا بازىرىغا ئوغرىلىقچە سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ گېنىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق ئۇچۇرلارنى توپلاشقا باشلىغان. بۇ شىركەت يەنە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان بولۇپ، بىيوتېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئاۋۋال ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ گېنلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.