ئامېرىكانىڭ دېموكراتچىلاردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىققان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 17-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئامېرىكانىڭ سانائەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 350 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ تەمىنلىنىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر ۋە بوب مېنېندېز باشچىلىقىدا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەيدىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ بار بولۇپ، قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمى سەۋەبلىك جازالاش تەكلىپ قىلىنغان. بۇ بويىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى، شۇنداقلا سودا ۋە مالىيە مىنىستىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بىلىپ تۇرۇپ پايدىلانغان شەخىس ۋە ئورۇنلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە جازالىشى كېرەككەن.

دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تۈزۈپ چىققان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكادىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ساھەگە تۆت يىلدا 300 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىكەن. بۇندىن سىرت، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشقا تەخمىنەن 16 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ ساھەدە خىتايدىن ئۈستۈنلۈكنى ساقلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن.

خىتايغا قارشى لايىھەلەنگەن بۇ ئىستراتېگىيە بويىچە، خىتاينىڭ يەر شارىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىر قىسىم كېرەكلىك لازىمەتلەرنى ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىن ياكى شېرىك دۆلەتلەردىن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتچى ئەزالارنىڭ بۇ يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى ئالدىدا تاشلىغان مۇھىم قەدەملىرىنىڭ بىرى، دەپ باھالانماقتا.