بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەكچى سانى 80 مىڭ 700 كىشىگە يەتكەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جايىدا يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.
بۇ سىياسەتكە ئاساسەن ئۆز جايىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 40 مىڭدىن ئاشقان. خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى 80 مىڭ 700 كىشىگە، پىلانلىق ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 15 مىڭ 700 گە يەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى شاۋگۈەن ۋەقەسىگە ئوخشاش قانلىق بىر ۋەقەگە سەۋەب بولۇپ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بۇ سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا. تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 128% كۆپەيگەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «ئارتۇق ئەمگەكچى» 2 مىليون 270 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.