خىتاينىڭ چوكانتال بايرىمىدىكى «قەبرە سۈپۈرۈش» ئادىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋىي قاتلاملىرىغا كېڭەيتىلگەن
2024.04.08
خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بولغان چوكانتال بايرىمىدا «قەبرە سۈپۈرۈش» ئادىتى، بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت قاتلاملىرىدا ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلار» نى خاتىرىلەش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ ئادەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى قاتلاملىرىغا كېڭەيتىلگەن.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ «ئەڭ رادىكال شەكلى» دەپ قارالماقتا. خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلاردا، خىتاينىڭ 3-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە بەش كۈن داۋاملاشقان چوكانتال بايرىمىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ قەبرىستانلىقلارغا چىقىپ، ۋاپات بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەبرىلىرىنى سۈپۈرۈۋاتقانلىقى، يۇيۇپ تازىلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلار كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا، شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بولغان چوكانتال بايرىمى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆرپ-ئادىتى، دەيدىغان بىر تەسەۋۋۇر پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينىڭ بۇ يىللىق چوكانتال بايرىمى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىگە توغرا كەلگەن.
رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، چوكانتال بايراملىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالغانلىقى، روزا ھېيت تەييارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمەسلىكى، ھەتتا بۇنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
رايوندىكى تاراتقۇلار پەقەت كىشىلەرنىڭ بۇ يىل روزا ھېيتتا بىر كۈن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، ئەمما چوكانتال بايرىمىدا 3 كۈن دەم ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ چوكانتال بايرىمىدا «قەبرە سۈرۈشى» گە ئائىت ۋىدىيولاردا، قەبرە تېشىدىكى خەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلىشى، ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت ياكى ئايەتلەرنىڭ بولماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە ۋە يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش بىلەن بەش كۈن داۋاملاشقان بۇ يىللىق چوكانتال بايرىمىدا، رايوندىكى تۆمۈر يوللىرىنىڭ يولۇچى توشۇش سالمىقى يۇقىرى دولقۇنغا چىققان. «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرى تاغ» تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، رايوندىكى تۆمۈريوللارنىڭ 4-ئاپرېلدىكى بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش سالمىقىنىڭ 20 پىرسەنتتىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.