خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 14-سېنتەبىر كۈنى «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە خوتەن شەھەرلىرىدىن تەڭلا جانلىق تارقاتقان ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر مۇھىم نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تورى» نىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئورتاق تىلى (پۇتۇڭخۇا) نى ئومۇملاشتۇرۇش «ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل ئالاقىسىدە توسقۇنلۇقلار بولۇشتەك ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش، شۇنىڭدەك ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېيىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن بولسا بۇنىڭ مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق زور قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.