خىتاي بويىچە تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تېڭىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.23

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتنىڭ پىروفېسسورى جاۋ شىنخۇا خىتاي بويىچە تۈزۈلگەن ئورتاق ئەخلاق، خىتاي تىلى ۋە تارىخ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جاۋ شىنخۇا مۇنداق دېگەن: «مەملىكەت بويىچە تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى بالىلارغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ‹ئەخلاق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، خىتاي تىلى ۋە تارىخ› تىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەجبۇرىي مائارىپى دەرسلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم».

مەلۇم بولۇشىچە، جاۋ شىنخۇا تەشەببۇس قىلغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋرىدىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەزمۇنلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى بارلىق مەكتەپلەردە چەكلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانىدى. بۇ خىل ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلى ۋە خىتاي مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئاندېرس كور قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يوقىتىلىش ئەھۋالىنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتىماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر خىتاي ئۈچۈن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە ۋە تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، دەل شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلى، خىتاي مائارىپى ۋە خىتاي تارىخىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.