ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئالاھىدە كومىتېتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ گېن تەتقىقات ئورنى بولغان BGI نى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.26

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئىككى مەسئۇلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ گېن تەتقىقات ئورنى BGI نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادا سودا قىلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى سۇنغان. BGI شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى BGI نىڭ بەزى تارماق شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، BGI ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش بىلەنلا ئەيىبلىنىپ قالمىغان. بۇ خىتاي شىركىتى يەنە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، يىغىلغان ئۇچۇرلارنى مەلۇم توپنى نىشان قىلغان بىئولوگىيەلىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بىلەنمۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ 25-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بىلەن كومىتېتنىڭ مەسئۇل ئەزاسى راجا كرىشنامۇرتى سۇنغان بۇ قانان لايىھەسى، ئامېرىكاغا دۈشمەن بولغان چەت ئەل بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانان لايىھەسى ماقۇللانسا، ئامېرىكا داۋالاش مۇلازىمىتى ساھەسىنىڭ BGI نى ‍ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىك رەقىب شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەيدىكەن. باياناتتا، كومىتېت رەئىسى مايك گاللاگېر مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى يەنى (BGI) ئامېرىكالىقلارنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، ئۇنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقاتىدا ئىشلەتمەكتە. شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيەسى BGI نىڭ توپلىغان گېن سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ يامان غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھەتتا ئامېرىكا خەلقىنى نىشان قىلغان بىئولوگىيەلىك قورالنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى مۇمكىن.»

باياناتتا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى نېل دۇن، «بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىغا ئوخشاش شىركەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، چەت ئەل گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى قانۇنسىز توپلىماقتا. بۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاش خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراش مۇمكىنلىكى زور بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېنلىرىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ بىل خاگېرتى، گەرىي پېتېرس قاتارلىق پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.