خىتاي ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-05
Share

خىتاي ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چوڭ بولغان بىر خىتاي دىپلوماتىنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتى ليۇ جىنسوڭنىڭ بۇ ئورۇنغا تەيىنلىشى خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ليۇ جىنسوڭ 1972‏-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، مەزكۇر رايوندا چوڭ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ «يىپەك يولى فوندى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاراشلىق ئورگانلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. 

كۆزەتكۈچىلەر، ليۇ جىنسوڭنىڭ باش ئەلچىلىككە تەيىنلىنىشى «ئىنچىكە ئويلىشىپ» چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ خىتاينىڭ قەشقەر-گۋادار كارىدورىنى ئافغانىستانغا كېڭەيتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىلدە بۇ ئورۇنغا تەيىنلەنگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بەزى ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ كابۇل بىلەن ۋاخان كارىدورىدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىر ئافغانىستان ئەمەلدارى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىدا بازا قۇرۇشتىكى مەقسىتى «شەرقىي تۈركىستان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ۋاخان كارىدورىدا بازا قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۈشكۈل ئىكەن. ئامېرىكا تەرەپ ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت