دونالد ترامپ: «خىتايدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشىمىز مۇمكىن!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى ۋابادا ئامېرىكانىڭ غايەت زور زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتايدىن تۆلەم ئېلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمدى بۇ سەپكە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ قوشۇلدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ شۇ كۈنى سۆز قىلىپ: «بىز خىتايدىن بەكلا نارازى بولۇۋاتىمىز. بۇ ۋىرۇسنى ئەسلىدە بايقالغان يېرىدىلا توختىتىپ قويغىلى بولاتتى» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن گېرمانىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان «ۋىرۇسنىڭ زىيىنى ئۈچۈن خىتايدىن 165 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم ئېلىش» قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش ئېھتىمالى بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا دونالد ترامپ «بىز ئىشلارنى بۇنىڭدىنمۇ ئاسانراق شەكىلدە بىر ياقلىق قىلماقچىمىز. چۈنكى بىز دەۋاتقان سومما بۇنىڭدىن راۋۇرۇس كۆپ،» دېگەن.