ئەنگلىيەنىڭ سابىق خوڭكوڭ ۋالىيسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان
2020.09.23
«كانادا يەر شارى پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئاخىرقى قېتىم خوڭكوڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق ۋالىيسى كرىس پاتتېن (Chris Patten) ئەنگلىيەنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكە زېمىنلىرى كۈنسېرى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئاسىيا شەھەرلىرىدىكى خەلقنى باستۇرۇشىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشكە چاقىرغان. ئۇ بىر قانچە قېتىملىق تور سۆھبىتى ۋە يىغىلىشلاردا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتايلار بارغانلا يېرىدە ھۆركۈرەپ، ۋارقىراپ يۈرگەندە بىزمۇ بىرلىكتە ئۇلارغا قاراپ ۋارقىرىشىمىز لازىم. بولمىسا، ئۇلار بىزنى يۇلۇپ تاشلىۋېتىدۇ. بىز خىتايغا گەپ قىلغاندا دائىم قورقۇپ تۈگۈلۈپ يۈرىمىز.»
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خوڭكوڭدا يېڭى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويغان ئۈچ ئايدىن بۇيان جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلىپ، خوڭكوڭدا باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيونىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مىلېس يۈ (Miles Yu): «خىتاينىڭ خوڭكوڭدا يۈرگۈزگەن ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتى ئەسلىدىلا ئاقمايدىغان ئىدىيە ئىدى،» دېگەن. غەرب ئەللىرى ئاسىيا شەھەرلىرى بىلەن جىنايەتچى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغاندىن باشقا، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلىرىغا قارىتا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان.
كرىس پاتتېن ئەپەندى يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.